سۇدانلىق بىر ئادەم ئوغلىغا «ئەردوغان» دەپ ئىسىم قويۇشىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلدى

سۇداننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى پورت سۇدان شەھىرىدە ياشايدىغان ئالائۇددىن سىددىق مۇھەممەد، تۈركىيە ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا بولغان سۆيگۈسى سەۋەبىدىن ئوغلىنىڭ ئىسمىنى «ئەردوغان» دەپ قويغان.

1458599
سۇدانلىق بىر ئادەم ئوغلىغا «ئەردوغان» دەپ ئىسىم قويۇشىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالائۇددىن سىددىق مۇھەممەد، «تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغان بولغان سۆيگۈم سەۋەبىدىن بالام بولۇپ قالسا ئىسمىنى <ئەردوغان> قويۇش ئويۇم بار ئىدى. تۈركىيە يولغا قويغان ئۈنۈملۈك تاشقى سىياسەت ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رولى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق قارارغا كەلدىم ۋە تۇنجى بالامنىڭ ئىسمىنى <ئەردوغان> قويدۇم» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ تەلىيى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئالائۇددىن سىددىق مۇھەممەد، باشقا مۇسۇلمانلار دۆلەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ ئەردوغانغا ئوخشاش كۈچ ۋە خاراكتېرغا ئىگە بىر لىدېرنىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى توغرىسىدىكى قاراردىنمۇ ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مۇھەممەد، قارارنىڭ تۈرك خەلقى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر