ئىران گېنېرال قاسىم سۇلايمانىنىڭ يولغا چىقىش مەلۇماتلىرىنى ئامېرىكاغا ساتقان جاسۇسنى دارغا ئاستى

ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىراقتا ئۆلتۈرۈلگەن گېنېرال قاسىم سۇلايمانىنىڭ يولغا چىقىش مەلۇماتلىرىنى ئامېرىكاغا سېتىپ ېېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ماھمۇد مۇسەۋى مەجدنىڭ ئۆلۈم جازاسى بۈگۈن ئىجرا قىلىندى.

1458141
ئىران گېنېرال قاسىم سۇلايمانىنىڭ يولغا چىقىش مەلۇماتلىرىنى ئامېرىكاغا ساتقان جاسۇسنى دارغا ئاستى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىئىران، ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن گېنېرال قاسىم سۇلايمانىنىڭ يولغا چىقىش مەلۇماتلىرىنى ھەمبەھىرلەش ۋە ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) شۇنداقلا ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئورگىنى (MOSSAD) ئۈچۈن «جاسۇسلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى.

ئىران سوتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) شۇنداقلا ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئورگىنى (MOSSAD) ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ھەمدە گېنېرال قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئورنى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بۇ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ماھمۇد مۇسەۋى مەجدنىڭ ئۆلۈم جازاسى بۈگۈن ئىجرا قىلىنغان.

سوت ئەركى باياناتچىسى گۇلام ھۈسەيىن ئىسمائىلى  9 – ئىيۇندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ماھمۇد مۇسەۋى مەجدنىڭ پۇل ئۈچۈن ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلغۇچىلار ئارمىيەسى قۇددۇس قىسىملىرى قاتارلىق ئىران قوراللىق ئارمىيەسى ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرى ھەققىدە، ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA)نى شۇنداقلا ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئورگىنى (MOSSAD) نى ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

مەجدنىڭ ئىران ئەدلىيە ئورگىنى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىسمائىلى، يۇقىرى سوتنىڭمۇ تەستىقىدىن ئۆتكەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ پات يېقىندا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باغدات ئايرودورۇمىدا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلغۇچىلار ئارمىيەسىگە قاراشلىق سابىق قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال قاسىم سۇلەيمانى ۋە ھاشدى شابى مۇئاۋىن رەئىسى ئەبۇ مەھدى ئەل مۇھەندىسىنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر