تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى قازا قىلدى

تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز ۋىلايىتىدە ئېلىپ بارغان قوراللىق ھۇجۇمدا 8 دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1458296
تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇندۇز ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئېسمەتۇللاھ مۇرادىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان ئەزالىرى قۇندۇز ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىدىكى شىنۋارىخا ۋە رۇستاي قازاق رايونلىرىدىكى ساقچىخانىلارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 8 دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 ى يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، تالىبان تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر