يەمەندە خۇسىيلارنىڭ ئاتالمىش ​​ قوماندانى ئۇجۇقتۇرۇلدى

يەمەن ئارمىيەسى جەنۇپتىكى دالى شەھىرىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئاتالمىش ​​خۇسى قوماندانىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1457747
يەمەندە خۇسىيلارنىڭ ئاتالمىش ​​ قوماندانى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسىگە تەۋە «سىنتەبىر تورى» ناملىق تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش ​​قوماندان مۇھەممەد ئەلى ئەز زەرراگى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار دالى شەھىرىنىڭ كاتابە ناھىيەسىدە، يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئۇجۇقتۇرۇلغان.

يەمەن ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ يەنە، دالى شەھىرىدىكى ئەلھاشا رايونىدا بىر گورۇپپا خۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغان خۇسىيلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

خۇسىيلار بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

دالى ۋىلايىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەمەن ھۆكۈمىتى قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، خۇسىيلار ئاز بىر قىسىم رايونلارنى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر