تالىبان بىر ئاي ئىچىدە 129 پۇقرانى ئۆلتۈرۈپ، 291 پۇقرانى يارىدار قىلدى

ئافغانىستاندا تالىبان ئۇنسۇرلىرى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 6 ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى قازا قىلدى.

1457613
تالىبان بىر ئاي ئىچىدە 129 پۇقرانى ئۆلتۈرۈپ، 291 پۇقرانى يارىدار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوگار ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى شاپۇر ئەھمەدزەي ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا، رايونغا قاراشلىق قەلئەيى-ئەھمەدزەي رايونىدا تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەھمەدزەي توقۇنۇشتا بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن 6 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 2 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ھەمدە تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭمۇ توقۇنۇشتا ئېغىر يوقۇتۇشقا دۇچار قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى فايسال مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدىكى تالىبان ھۇجۇملىرىدا 129 پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 

تالىباننىڭ مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە جەمئىي 456 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان فايسال، بۇ ھۇجۇملاردا 129 پۇقرانى ئۆلتۈرۈپ 291 پۇقرانى يارىدار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فايسال تالىباندا تىنچلىق ئۈچۈن بىرەر كۈچلۈك ئىرادە يوقلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر