لىۋىيە ئارمىيەسى سىرتەنىڭ غەربىگە جىددىي ئەسكەر يۆتكىمەكتە

لىۋىيە ئارمىيەسى سىرتە شەھىرىنىڭ غەربىگە نۇرغۇن ساندا ھەربىي ئابتوموبىل بىلەن ئەسكەر يوللىدى.

1457658
لىۋىيە ئارمىيەسى سىرتەنىڭ غەربىگە جىددىي ئەسكەر يۆتكىمەكتە
hafter catisma.jpg
libya ordu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھەربىي يۆتكەش دائىرىسىدە نۇرغۇن ساندا ھەربىي ئابتوموبىل سىرتەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەبۇ گۇرەين بازىرىغا يېتىپ بارغان.

بۇ قېتىمقى ھەربىي يۆتكەش خىزمىتىنىڭ سىرتە بىلەن جۇفرانى لىۋىيەنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىپە ھافتەر ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «غەلىبە يولى» ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھەربىي ئىسيانچى ھافتەر ئۇنسۇرلىرىنىڭ پايتەخت تىرابلۇسنى ئىشغال قىلىش مەقسىتىدە، 2019 - يىلى ئاپرېلدا باشلىغان ھۇجۇملىرىغا قارشى لىۋىيە ھۆكۈمىتى ئارمىيەسى يېقىندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئىيۇننىڭ بېشىدا دۆلەتنىڭ غەربىدىكى نوپۇسى زىچ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي ۋە قاتناش مەركەزلىرىدىن ھافتەر ئۇنسۇرلىرىنى قوغلاپ چىقارغان ئىدى.

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتەدە، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە سىرتە ۋە جۇفرانىڭ غەربىگە ئورۇنلاشقان لىۋىيە ئارمىيەسى، بۇ يەرلەرنىمۇ ھافتەر ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت ئىدارىسى، شەرقتىكى برېگا رايونىدا ھافتەرگە قاراشلىق «ئەسسائىقا چاقماق» ناملىق قوراللىق گۇرۇپپا بىلەن نېفىت ئەسلىھەلىرىنى قوغدىغۇچى قىسىملار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

توقۇنۇشنىڭ نېفىت باكلىرى تۇرۇشلۇق جايدىن 100 مېتىر يىراقلىقتا يۈز بەرگەنلىكى، بۇ قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ نېفىت زاۋۇتلىرى ۋە بۇ يەردىكى خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاىمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر