ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ ھافتەر بىلەن يوشۇرۇن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا ھەربىي ھەيئىتىنىڭ لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەر بىلەن يوشۇرۇن كۆرۈشۈپ، يېڭى بىر ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1457028
ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ ھافتەر بىلەن يوشۇرۇن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوندوندا نەشر قىلىنىدىغان «شەرقۇلئەۋسات» گېزىتىنىڭ ھافتەرگە يېقىن بىر مەنبەنى تايانچ قىلىپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر مەنبە، ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ ھافتەرگە نىسبەتەن «ئاخىرقى پۇرسەت» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي خادىملار ۋە سىياسىي ئەمەلدارلاردىن تەشكىل تاپقان ئامېرىكا ھەيئىتى، ھافتەر بىلەن يوشۇرۇن كۆرۈشۈپ، «يېڭى بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىپ، نېفىت ھىلالى (ئوتتۇرا دېڭىز ساھىلىدىكى سىدرەدىن بىنغازىغىچە بولغان 350 كىلومېتىرلىق رايون) دىىكى بارلىق ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى چېكىندۈرۈشىنى ۋە بۇ رايونغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نازارەتچىلىكى ئاستىدا ياۋروپا مەركەزلىك بىر تىنچلىق كۈچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاۋاز قوشۇشى تەكلىپى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

«شەرقۇلئەۋسات»نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە يېقىن مېدىيا ئورۇنلىرىمۇ، لىۋىيەدە يېقىنقى كۈنلەردە ئۇرۇش تەرەپدارى قاراشلار كۈچىيىپ قالغان بولسىمۇ، ھافتەرنىڭ سىرتەدىن ئەجدابىيە شەھىرىگە چېكىنىشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن رايون ۋە خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ يوشۇرۇن سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھافتەر چېكىنىشنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە، باش مىنىستىر فايىز سەرراج رەھبەرلىكىدىكى ب د ت نىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە تۈركىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ سىرتە ۋە جۇجرەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يېقىنقى ھەپتىلەردە، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە سىرتە ۋە جۇفرەنىڭ غەربىگە ئىستىھكام قۇرغان لىۋىيە ئارمىيەسى بولسا، بۇ جايدىكى ھافتەر كۈچلىرىنى تازىلاش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر