دۇنيادىكى داڭلىقلارنىڭ تۋىتتېر مەخپىي نومۇرى ئوغرىلاندى

سىياسەتچىلەردىن سودا-سانائەتچىلەرگىچە بولغان نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەرنىڭ تۋىتتېر مەخپىي نومۇرى، كىملىكى نامەلۇم كومپىيۇتېر قاراقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلدى.

1456162
دۇنيادىكى داڭلىقلارنىڭ تۋىتتېر مەخپىي نومۇرى ئوغرىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۋىتتېر مەخپىي نومۇرى ئوغرىلانغانلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، دېموكراتلارنىڭ پىرېزىدېنت كاندىداتى جو بايدىن، ئامازوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلىرىدىن جېف بېزوس، مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گېيتېس، تېسلانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ئېلون مۇسك، مىلياردېر كارخانىچى مىشېل بلۇمبېرگ ۋە رەپ ناخشىچىسى كانيې ۋېست قاتارلىقلار بار.

بۇ كىشىلەردىن باشقا، ئالما ۋە يۇبېر (Uber) غا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ تۋىتتېر مەخپىي نومۇرلىرىمۇ ئوغرىلانغان.

ئوغرىلانغان ئادرېسلاردىن ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرلاردا، بىر بىتكوين ئادرېسى بېرىلدى ۋە بۇ ئادرېسقا پۇل ئەۋەتىش تەلەپ قىلىندى. ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىدە، بەلگىلەنگەن بىتكوين ئادرېسىغا ئەۋەتىلگەن ھەر مىڭ دوللار ئۈچۈن 2 مىڭ دوللار تۆلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۋىتتېر بۇ ۋەقە توغرىسىدا قىسقا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «تۋىتتېر ئادرېسلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن بىخەتەرلىك ۋەقەسىنى بىلىمىز. تەكشۈرۈۋاتىمىز ۋە ئوڭشاش ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەرنى ئالىمىز. ھەممەيلەنگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەلۇمات بېرىمىز» دېيىلدى.

ئوغرىلانغان تۋىتتېر ئادرېسلىرىدىن ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆچۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر