ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقىدار قارارى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

ئامېرىكادا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۈزدە پۈتۈنلەر توردىن دەرس ئۆتۈشكە باشلىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقىدار قارارى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

1455364
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقىدار قارارى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ھۆكۈمىتى مەزكۈر ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا «يا يۈزمۇ- يۈز دەرس ئۆتىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۆتۈشى ياكى دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكى» شەرتىنى قوشقان  بولۇپ، بەلگىلىمىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان قانۇنىي مۇجادىلىدىن كېيىن ھۆكۈمەت قارارىدىن ياندى.

بەلگىلىمىگە قارىتا خارۋارد ۋە ماسساچۇسېتس سانائەت ئىنستىتۇتى (MIT) ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئەرزنى بىر تەرەپ قىلغان رايونلۇق سوتچى ئاللىسون بۇرروۋس بۇ يېڭى قارارنى ئېلان قىلدى.

بۇرروس تۈنۈگۈن سوتتا تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا چېگرا مۇداپىئە ۋە تاموژنا ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر قارارنى بېكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ ھۆكۈمىتى 6 - ئىيۇلدىكى باياناتىدا، كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي توردا دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنى باشلىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش ھەققىگە ئىگە بولغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكادىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

باياناتتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىسمەن ياكى تولۇق يۈزتۇرا مائارىپ بىلەن تەمىنلەيدىغان باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كۆچۈشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى زور تەسىر قوزغىغان ھەمدە 17 ئىشتاتتىكى ۋە پايتەخت ۋاشىنگىتون دىكى 40 تىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت قارارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر