لىۋىيەدە ئاممىۋى مازارلاردىن نۇرغۇن جەسەت چىقىرىلدى
لىۋىيە ئارمىيەسى پايتەخت ترابلۇسنىڭ جەنۇبىي قىسمى، تەرھۇنە ۋە ئەتراپىدىكى ئاممىۋى مازارلاردىن 40 كۈن ئىچىدە 225 جەسەت چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
1455327
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «غەزەپ ۋولقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت باشقارمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۆلۈمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھەفتەرگە قاراشلىق خەلق ئەسكەرلىرىدىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردىكى ئاممىۋى مازارلاردىن 40 كۈن ئىچىدە 225 جەسەت چىقىرىلغان. تەرھۇنە ھەفتەر كۈچلىرىدىن ئازاد قىلىنغاندىن بۇيان يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش ۋە ئېنىقلاپ چىقىش ئورگىنى، ئاممىۋى مازارلارنى تېپىش ۋە جەسەتلەرنى چىقىرىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى قوللانغان.
«غەزەپ ۋولقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت باشقارمىسى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە، تۈنۈگۈن تەرھۇنەدە بىر ئاممىۋى مازاردىن چىقىرىلغان كىملىكى نامەلۇم 4 كىشىنىڭ جەسىتىگە دائىر فوتو سۈرەتلەرنى ھەمبەھىرلەشتى.