ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىريۇسسېلدا يۈز تۇرانە كۆرۈشىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) نىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا يۈز تۇرانە كۆرۈشىدۇ.

1454037
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىريۇسسېلدا يۈز تۇرانە كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەتلەر بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسىپ بوررېل (Josep Borrell) تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ، «لاتىن ئامېرىكا» نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنتەرتىپ ماددىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قىتئەدە ۋابا سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قىيىنچىلىقلار بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى بولىدىغانلىقىنى، ئافرىقا بىلەن لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى مەزگىللەردە قايتا ھەرىكەتكە كەلگەن بېلەراد-پرىشتىنا دىيالوگ مۇساپىسى ھەققىدە مىنىستىرلارغا مەلۇمات بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ خوڭكوڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى يولغا قويغان خوڭكوڭ سىياسىتىدىن ھېس قىلغان ئەندىشەلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر