رۇسىيە: ئاياسوفيا مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشى

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ۋېرشىنىن ئاياسوفيانى جامە سۈپىتىدە ئىبادەتكە ئېچىش قارارىنىڭ، «تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا رۇسىيە بولسۇن ياكى باشقا دۆلەتلەر بولسۇن بۇنىڭغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1454123
رۇسىيە: ئاياسوفيا مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشى
Ayasofya (4).jpg
Ayasofya (6).jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي ۋېرشىن (Sergey Verşinin) مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئاياسوفيانىڭ جامە سۈپىتىدە ئىبادەتكە ئېچىلىشى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ مەزكۇر مەسىلىنىڭ دۇنيادا كەڭ ئەكس سادا پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇنىڭغا تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشى نۇقتىسىدا قاراپ ھەرىكەت قىلىمىز. ھەم بىز ھەمدە باشقىلار ئارىلاشماسلىقىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ ئاياسوفيانىڭ دۇنيا مەدەنىيىتى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى 2020-يىلى 10-ئىيۇل چىقارغان قارار بىلەن، 1934-يىلى 24-نويابىر ئاياسوفيانىڭ جامەدىن مۇزېيىغا ئايلاندۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چىقىرىلغان مىنىستىرلار قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئارقىدىن، ئاياسوفيا جامەسى جۇمھۇر رەئىسلىك قارارى بىلەن دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى ( دىنىي ئىشلار ئىدارىسى) غا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.


خەتكۈچ: #ئاياسوفيا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر