ھەربىي ئىسيانچى ھافتەر قوراللىق ئۇنسۇرلىرى جۇفرادا بىر ئايالنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىپە ھافتەرگە تەۋە قوراللىق ئۇنسۇرلار جۇفرا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىدىكى ھۇن رايونىدا بىر ئايالنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بىر ياشنى تۇتۇپ كەتتى.

1453526
ھەربىي ئىسيانچى ھافتەر قوراللىق ئۇنسۇرلىرى جۇفرادا بىر ئايالنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئارمىيەسىگە تەۋە سىرتە ۋە جۇفرا بىرلەشمە ھەرىكەت بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى گېنېرال ئابدۇلھادى دىراھ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھافتەر قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ۋە ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ ئالقىنىغا كىرگۈزىۋالغان رايونلاردا پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھافتەر قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ھۇندا ئۆلتۈرۈلگەن ياشنىڭ ئاكىسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئابدۇلھادى دىراھ، بۇ ياشتىن تېخىچە خەۋەر يوقلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇلھادى دىراھ ھافتەر قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماستىن، ھۇندا يەنە بىر ئايالنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن 5 كۈندىن بېرى ئىزدەلگەن بۇ ئايالنىڭ جانسىز جەسىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بېشىدىن مىلتىق بىلەن ئېتىۋېتىلگەن ھالدا تېپىلغانلىقىنى قايت قىلدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تارىق ئابدۇلھەفىز ناملىق كىشىمۇ ھافتەرگە تەۋە قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن.

زىياد ئەل ئەرەبى ئىسىملىق ياش بولسا، 3 - ئىيۇل ئۆيىنىڭ ئالدىدا سۇداندىن ياللانغان جانجاۋىد ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە يەنە، ھۇن ئاھالىلىرىنىڭ ھافتەر قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ۋە ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى، رايوندىكى دۇكانلار ۋە ھەر خىل كارخانىلارنىڭمۇ نارازىلىق پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئىش توختاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر