سرېبرىنېتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يېڭى قۇربانلىرى بۈگۈن يەرلىككە قويۇلىدۇ

ياۋروپادا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر ئىنسانلىق تىراگېدىيەسى دەپ قارىلىۋاتقان سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە 9 نەپەر قۇربانى بۈگۈن يەرلىككە قويۇلىدۇ.

1453189
سرېبرىنېتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يېڭى قۇربانلىرى بۈگۈن يەرلىككە قويۇلىدۇ
20200711_2_43387197_56599393.jpg
srebrenica.jpg
Srebrenica.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان سرېبرېنىتسادا 1995 – يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچلىق جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يېقىندا كىملىكى ئېنىقلانغان 9 نەپەر قۇربان، پوتوچارى خاتىرە قەبرىستانلىقىدىكى مېيىت نامىزىدىن كېيىن بۈگۈن يەرلىككە قويۇلىدۇ.

مېيىت نامىزىدىن ئىلگىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى دۇنيا لىدېرلىرىنىڭ، سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يوللىغان تېلېگراممىلىرىنى كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ يىل دەپنە قىلىنىدىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قۇربانلىرىنىڭ ئەڭ يېشى ئۆلتۈرۈلگەن چېغىدا 23 ياشقا كىرگەن سالكو ئىبىسەۋىچ، ئەڭ ياشانغىنى بولسا 70 يېشىدا ئۆلتۈرۈلگەن ھەسەن پەزىچ ئىكەن.

لوتوچارى خاتىرە قەبرىستانلىقىغا بۈگۈنگىچە 6643 نەپەر ئىرقىي قىرغىنچلىق قۇربانى دەپنە قىلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى مېيىت نامىزىدىن كېيىن بۇ سان 6652 گە يېتىدۇ.

دۆلەتنىڭ شەرقىگە جايلاشقان سرېبرېنىتسا شەھىرى 1995 - يىلى 7-ئاينىڭ 11 - كۈنى راتكو ملادىچنىڭ قوماندانلىقىدىكى سېربىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ب د ت قىسىملىرى ئىچىدىكى گوللاندىيەلىك ئەسكەرلەردىن پاناھلىق تىلىگەن بوشناق پۇقرالار، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا سېرىبلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى.

سېرىبلار ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ بوشناق ئەسكەرلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان رايونغا كېتىشىگە يول قويۇپ، كەم دېگەندە 8372 بوشناق پۇقراسىنى ئورمانلىقتا، زاۋۇت ۋە ئامبارلاردا رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈپ كوللېكتىپ ھالدا كۆمۈۋەتكەن ئىدى.

 ئۇرۇشتىن كېيىن باشلانغان غايىب بولۇپ كەتكەنلەرنى تېپىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە جەسەتلىرى كوللېكتىپ قەبرىستانلىقلاردىن چىقىرىلغان قۇربانلار، كىملىكى ئېنىىقلانغاندىن كېيىن، ھەر يىلى 11 - ئىيۇلدا پوتوچارى خاتىرە قەبرىستانلىقىدا مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ يەرلىككە قويۇلۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر