مۇسۇلمان تەشكىلاتلار ۋە ئەربابلار ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشىغا يۇقىرى باھا بەردى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاياسوفيانى ئىبادەت قىلىشقا ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى قارارىغا يۇقىرى باھا بەردى.

1453121
مۇسۇلمان تەشكىلاتلار ۋە ئەربابلار ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماسنىڭ چەت ئەل مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى باشلىقى رەئفەت مۇررا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئىپتىخارلىنىدىغان بىر ئىشتۇر» دېدى.

ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلىش قارارىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە  تۈركىيەگە يۇقىرى باھا بەرگەن مۇررا، تاشلانغان قەدەمنىڭ، تۈركىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى، تۈركىيەنىڭ ئورنى ۋە ئىشەنچلىك مەركەز ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى باشلىقى مۇھەممەد فايسال ئابدۇلئەزىز، تۈركىيەنىڭ قارارىنى تەبرىكلەپ، «فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئاياسوفيانى خۇسۇسىي مۈلۈك قىلىپ ئېلىپ ۋەخپە قىلىۋەتكەنىدى. بۈگۈن ئاساسوفيا ئەسلىدىكى رولىغا قايتتى» دېدى.

مالايشىيا ئىسلام بىرلەشمىسى مەسلىھەت كېڭىشى باشلىقى موھد ئەزمى ئابدۇلھەمىدمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئاياسوفيانى قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىشىنى تەبرىكلىدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىنىڭ يوللۇق ۋە قانۇنىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن موھد ئەزمى، «تۈركىيەنىڭ ئاياسوفيانى قايتىدىن جامەگە ئايلاندۇرۇش ھەققى ھېچبىر چەت دۆلەت تەرىپىدىن سوراقلانماسلىقى كېرەك» دېدى.

قاتاردا تارقىتىش بېرىدىغان «ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋە ئەششەرق مۇنبىرىنىڭ باشلىقى ۋەدداھ ھانفەر، ئاياسوفيا قارارىغا «تارىخ بىلەن يېڭىدىن ئالاقە ئورنىتىش پەيتى» دەپ باھا بەردى.

ماۋرىتانىيەلىك ئاكادېمىك مۇھەممەد مۇختار شەنقىيتى تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسىنى تەبرىكلىدى.

سۈرىيەلىك ژۇرنالىست سىبا مەدۋارمۇ ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئورتاقلىشىپ، تۈركىيەنى بۇ تارىخىي قارارى ئۈچۈن تەبرىكلىدى.

كۇۋەيتلىك يازغۇچى جاسىم ئەلغەيس، «دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئەجدادى فاتىھ سۇلتان مەھمەد جامە قىلىپ ئىبادەتكە ئاچقان ئاياسوفيانىڭ ئەسلىگە قايتقانلىقى سەۋەبىدىن شاتلىققا چۈمدى» دەپ خۇشاللىقىنى ئورتاقلاشتى.

ئالجىرىيەلىك ژۇرنالىست ئابدۇلقادىر بىن خالىدمۇ «ئاياسوفيادىن قايتىدىن ئەزان ساداسى ياڭرايدۇ. مۇسۇلمانلار، ئاياسوفيانىڭ قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىلىشىنىڭ ئىپتىخارى ۋە ئىززىتى بىلەن نامازلىرىنى ئۆتەش ئۈچۈن بۇ يەردە توپلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر