ب د ت : تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ %75ى ھايۋانلاردىن يۇقىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دوكلاتى، يېڭى تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ %75 ىنىڭ ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا يۇققان كېسەللىكلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1453217
ب د ت : تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ %75ى ھايۋانلاردىن يۇقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ دوكلات قىلىشىچە، 1999 – 2019 – يىللىرى ئارىلىقىدا 149 دۆلەت ۋە رايوندا 6 مىڭغا يېقىن ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋان تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 180 مىڭدىن ئارتۇق ياۋايى ھايات جىنايىتى سادىر قىلىنغان.

دوكلاتتا، ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك ئەتكەسچىلكىنىڭ تەبىئەت ۋە دۇنيادىكى بىيولوگىيەلىك رەڭدارلىققا خەۋپ يەتكۈزگەنلىكى تەكىتلەندى.

ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تەبىئىي ھايات كەچۈرۈش ساھەلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، قانۇنسىز يوللار بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى سودىسىنىڭ قىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر تىلغا ئېلىنغان دوكلاتتا، ياۋايى ھاياتقا قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر سەۋەبىدىن كۈچىيىپ كەتكەن ھايۋانلاردىن ئادەملەرگە يوقىتىدىغان زوئونوتىك كېسەللىكەرگە ئىشارەت قىلىنغان ھالدا « يېڭى تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ %75 ى زوئوتىك كېسەللىكلەر (ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا يۇقىدىغان) دىن تەشكىل تاپىدۇ. كوۋىد – 19 مۇ بۇ كاتېگورىيەدىن ئورۇن ئالىدۇ» دېگەن ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

كوۋىد – 19 نى توشۇغۇچى يوشۇرۇن ھاۋايى ھايۋان دەپ قارىلىۋاتقان پانگولىن قاتارلىق بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ 2014 – 2018 – يىللار ئارىلىقىدا ئەڭ كۆپ سودىسى قىلىنغان ھايۋانلار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، بۇ جەرياندا پانگولىن سودىسىنىڭ ئون ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر