ئاقسارايدا يىغىنغا قاتناشقان بىر مۇخبىردا ۋىرۇس بايقالغان

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 558 مىڭ 91 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 12 مىليون 420 مىڭدىن ۋە ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 7 مىليون 246 مىڭدىن ئاشتى.

1452640
ئاقسارايدا يىغىنغا قاتناشقان بىر مۇخبىردا ۋىرۇس بايقالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 135 مىڭ 828 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 220 مىڭ 559 غا چىقتى.

دۈشەنبە (2020-يىلى 6-ئىيۇل) كۈنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان بىر مۇخبىردا ۋىرۇس بايقىلىشى، كۆپ ئەنسىرەشلەرگە سەۋەب بولدى. مۇخبىرنىڭ كىملىكى ئاشكارىلانمىدى، ئەمما ئۇ مۇخبىرنىڭ ئاقسارايدىكى ۋاقتىدا ماسكا تاقىغانلىقى ۋە كېسەللىك ئالامىتىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئاقسارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىدىغان مۇخبىرلار، ھەر كۈنى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 220 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بىرازىلىيەدە، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 69 مىڭ 254 كە چىقتى. يۇقۇملانغۇچىلار سانى بولسا، 1 مىليون 759 مىڭ 103 كە چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە 730 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 33 مىڭ 526 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 282 مىڭ 283 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە 85 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 44 مىڭ 602 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 642 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 287 مىڭ 621 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 12 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 34 مىڭ 926 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا 229 كىشى يۇقۇملاندى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 13 مىڭ 459 غا تۆۋەنلىدى.

ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى لۇچارنا لامورجېزى (Luciana Lamorgese) «RAI3» تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىر پىروگراممىسىدا، ئىتالىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرلىرى، كۈز پەسلىدە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئىتالىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل (2020) %13-12 تۆۋەنلەيدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 14 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 29 مىڭ 979 غا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 621 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 205 مىڭ 246 گە چىقتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 10 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 28 مىڭ 401 گە چىقتى. يېقىنقى 24 سائەتتە 241 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 253 مىڭ 56 گە چىقتى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 1 مىڭ 644 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 418 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 45 مىڭ 277 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانى تۆۋەندىكىچە:

پېرۇ 11 مىڭ 314، بېلگىيە 9 مىڭ 781، گېرمانىيە 9 مىڭ 125، كانادا 8 مىڭ 749، چىلى 6 مىڭ 682، گوللاندىيە 6 مىڭ 137، شىۋېتسىيە 5 مىڭ 500، ئېكۋادور 4 مىڭ 900، كولومبىيە 4 مىڭ 714، ئارگېنتىنا 1 مىڭ 720.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر