ئامېرىكا ياپونىيەگە «F-35» ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياپونىيەگە 23.11 مىليارد دوللار قىممىتىدە 105 دانە «F-35» ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى.

1452540
ئامېرىكا ياپونىيەگە «F-35» ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ياپونىيەگە «F-35» ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش لايىھەسىدە، 63 دانە ئادەتتىكى ئۇچۇش ۋە قونۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە «F-35»، 42 دانە قىسقا مۇساپىدە ئۇچۇش ۋە تىك قونۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە «F-35» ئايروپىلانى بار.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، سېتىپ بېرىش لايھەسىدە يەنە، يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا، بەش دانە زاپاس «F-35» موتورىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكانىڭ ياپونىيەگە مەزكۇر «F-35» سېتىپ بېرىش لايىھەسى ئەمەلگە ئاشقان ئەھۋالدا، ئامېرىكا تارىخىدىكى 2010-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا 29 مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ قورال سېتىش لايىھەسى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

لايىھەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن كونگرە 30 كۈن ئىچىدە قارشى چىقماسلىقى كېرەك.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق ئاگېنتلىقى يەنە، تەيۋەنگە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە يېڭىلاش ئۈچۈن 620 مىليون دوللارلىق سېتىش لايىھەسىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر