رۇسىيەدە كۈنلۈك يۇقۇم سانى 6 مىڭدىن چۈشمىدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 558 مىڭ 91 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 12 مىليون 420 مىڭدىن ۋە ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 7 مىليون 246 مىڭدىن ئاشتى.

1452732
رۇسىيەدە كۈنلۈك يۇقۇم سانى 6 مىڭدىن چۈشمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 11 مىڭ 17 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 713 مىڭ 936 گە چىقتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە ۋەكىلى مېلىتا ۋۇينوۋىچ (Melita Vuynoviç) يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە كۈنلۈك يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 6 مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشمەسلىكىنىڭ ياخشىلىقتىن بېشارەت ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ 145 مىليون نوپۇسنىڭ %10 ى قائىدەلەرگە رىئايە قىلمىغان ئەھۋالدا ۋابانىڭ داۋاملىق تارقىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە 475 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 21 مىڭ 654 كە چىقتى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 798 مىڭ 128 گە چىقتى.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 12 مىڭ 305 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 250 مىڭ 458 گە چىقتى.

قاتاردا يېقىنقى 24 سائەتتە تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 557 كىشى يۇقۇملاندى.  بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 142 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 102 مىڭ 110 غا چىقتى.

يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان كۈۋەيتتە، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 382 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 833 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 52 مىڭ 840 قا چىقتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە 532 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 328 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 53 مىڭ 577 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 36 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان لىۋاندا، 66 كىشى يېڭىدىن يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىڭ 11 گە چىقتى.

تۇنىستا 50 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 10 كىشىنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىڭ 231 گە چىقتى.

ئىراقتا يېقىنقى 24 سائەتتە 103 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 2 مىڭ 170 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 2 مىڭ 882 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 39 مىڭ 502 گە چىقتى.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە يېقىنقى 24 سائەتتە 129 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 3 مىڭ 720 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 13 مىڭ 674 كىشىدە ۋىرۇس بايقىلىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 238 مىڭ 339 غا چىقتى.

خىتايدا يېقىنقى 24 سائەتتە تۆت كىشىدە، جەنۇبىي كورېيەدە 45 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

ئىسىرائىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە تۆت كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 464 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 350 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 35 مىڭ 631 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانى تۆۋەندىكىچە:

پاكىستان 5 مىڭ 58، خىتاي 4 مىڭ 634، مىسىر 3 مىڭ 617، ھىندونېزىيە 3 مىڭ 417، باڭلادىش 2 مىڭ 238، سەئۇدى ئەرەبىستان 2 مىڭ 100، ئۇكرائىنا 1 مىڭ 345، فىلىپپىن 1 مىڭ 314، بېلارۇسىيە 449، قازاقىستان 264.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر