نىگېرىيەدە بوكو ھارام ۋە قوراللىق شايكىلارنىڭ 200 گە يېقىن ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى

نىگېرىيەدە بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە قوراللىق شايكىلارنىڭ ئەزالىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر ھەپتە ئىچىدە 200 گە يېقىن ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى.

1452780
نىگېرىيەدە بوكو ھارام ۋە قوراللىق شايكىلارنىڭ 200 گە يېقىن ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە غەربىي شىمالىدا بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە قوراللىق شايكىلارنىڭ ئەزالىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر ھەپتە ئىچىدە 200 گە يېقىن ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى.

نىگېرىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون ئېنېچ بايانات بېرىپ، ئارمىيەنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بورنو، كاتسىنا ۋە زامفارا ئۆلكىلىرىدە بوكو ھارام ۋە قوراللىق شايكىلارغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جون ئېنېچ، كاتسىنا ۋە زامفارا ئۆلكىلىرىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە شايكا ئەزاسى 104 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، كۆپ ساندا شايكا ئەزاسىنىڭ يارىدار ھالەتتە قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بورنو ئۆلكىسىدىكى سامبىسا دەرەخزارلىقىدا بوكو ھارامغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 92 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان جون ئېنېچ، 4 تېررورچىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، تېررورچىلار ئىشلىتىۋاتقان پاناھلىنىش ئورۇنلىرى ۋە ئارقا سەپ لازىمەتلىكلىرىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئېنېچ، زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بوكو ھارام گۆرۈگە ئېلىۋالغان 34 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىككى كۈن ئىلگىرى ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، كەم دېگەندە 35 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

نىگېرىيەدە 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىدا باش كۆتۈرگەن بوكوھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2009 – يىلىدىن بۇيانقى كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى 2015 – يىلىنىڭ مابەينىدە كامېرۇن، چاد ۋە نىگېر قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەردىمۇ تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلماقتا؛ تەشكىلاتنىڭ پەقەت چاد كۆلى ئويمانلىقىدىكى ھۇجۇملىرىدىلا كەم دېگەن 2 مىڭ ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر