لىۋىيەنىڭ جۇفرا خەلقى ھافتەرگە قارشى نامايىش قىلدى

لىۋىيەنىڭ جۇفرا شەھەر خەلقى دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ئىسيانچى ھافتەر قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان بىر لىۋىيەلىكنىڭ قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى.

1452510
لىۋىيەنىڭ جۇفرا خەلقى ھافتەرگە قارشى نامايىش قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىغا جايلاشقان جۇفرا شەھىرىنىڭ مەركىزى خۇندىكى خەلق، ھافتەر قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان لىۋىيەلىكنىڭ قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

فەبرايەر تېلېۋىزىيەسىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ دېگەنلىرىنى ئاساس قىلىپ تارقاتقان خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تارىق ئابدۇلھافىز ئىسىملىك بىر كىشى، ھافتەر قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلىپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

شەھەر خەلقى ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ھەرىكەتكە كېلىپ، يوللارنى توسۇپ، رايوندىن ئۆتكەن ھافتەر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

شەھەر خەلقى 3-ئىيۇل (2020) سۇداندىن ئېلىپ كېلىنگەن كىرالىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئۆيىنىڭ ئالدىدا جېنىدىن ئايرىلغان يەنە بىر كىشى ئۈچۈنمۇ نامايىش قىلىپ، قوراللىق كۈچلەر تۇرىدىغان نۇرغۇن جايغا ئوت قويۇپ بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر