گېرمانىيە لىۋىيەدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس، لىۋىيەدىكى تەرەپلەرنى كېچىكتۈرمەستىن شەرتسىز ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاشقا چاقىردى.

1451919
گېرمانىيە لىۋىيەدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس، لىۋىيەدىكى تەرەپلەرنى كېچىكتۈرمەستىن شەرتسىز ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاشقا چاقىرىپ، «بۇنىڭ بىرىنچى قەدىمى سىرتە ۋە جۇفرەنىڭ ھەربىيلەردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ھېيكو مائاس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە (يانۋار ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن) بېرلىن يىغىنىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن لىۋىيە يىغىنىدىكى سۆزىدە، يىغىننىڭ ئېچىلغىنىغا 6 ئاي بولغانلىقىنى، بىراق لىۋىيەدە ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ ماڭغانلىقىنى، يەرشارى خاراكتېرلىك بىر يۇقۇمنىڭمۇ ئۇرۇشنى توختىتىشقا يەتمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، تەرەپلەرنى كېچىكتۈرمەستىن شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاشقا چاقىرىپ، « بۇنىڭ بىرىنچى قەدىمى سىرتە ۋە جۇفرەنىڭ ھەربىيلەردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى بولۇشى مۇمكىن. لىۋىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرنى مۇشۇ پىكىر ئاستىدا بىرلىشىشكە چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر