ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىنى چەكلەشكە تەييارلانماقتا

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، «تىك توك» قاتارلىق خىتاي مەركەزلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىنى چەكلەشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1451063
ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىنى چەكلەشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېيو «فوكس خەۋەرلەر» قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان خىتاي مەركەزلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرى ھەققىدىمۇ پىكىر بايان قىلدى.

ئۇ، بولۇپمۇ «تىك توك» ئەپىنىڭ ئېغىر خەۋپسىزلىك تەھدىتى پەيدا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دەتالاشلارغا ئىشارەت قىلىپ، ئامېرىكانىڭ مەسىلىگە ئەستايىدىل قارىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«تىك توك»نىڭ چەكلىنىپ – چەكلەنمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن پومپېيو، «بۇ مەسىلىدە پىرېزىدېنت (دونالد ترامپ)نىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىشنى خالىمايمەن، بىراق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىنسانلارنىڭ تېلېفونلىرىغا چۈشۈرۈلگەن خىتاي مەنبەلىك ئەپلەرگە قارىتا توغرا شەكىلدە مۇئامىلە قىلىدۇ. نۆۋەتتە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن «تىك توك» بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مايك پومپېيونىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى؛ شىركەتنىڭ ئامېرىكالىق خوجايىن تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئوخشاش تۈردىكى ئەپلەر ئارىسىدا «بىخەتەرلىك ۋە ئاممىۋى سىياسەت جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن باياناتتا، «ئىشلەتكۈچىلىرىمىزنى بىخەتەر ئەپ بىلەن تەمىنلەشتىنمۇ مۇھىم بىر ئىشىمىز يوق. ھېچبىر ۋاقىت خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىدۇق، تەلەپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ بۇنداق قىلمايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دۇنيا مىقياسىدا ئايلىق 800 مىليون ئىشلەتكۈچىگە ئىگە «تىك توك»نىڭ، ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىگە مەلۇم قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكالىق نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر، شىركەتنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر