تېل ئابيادتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېل ئابياد رايونىدا ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 6 پۇقرا قازا قىلىپ، 7 پۇقرا يارىلانغان.

1451244
تېل ئابيادتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېل ئابياد تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى» نەتىجىسىدە تېرورچىلاردىن تازىلانغان بولۇپ، بۈگۈن (2020-يىلى 8-ئىيۇل) ناھىيە مەركىزىدە پارتلاش يۈز بەردى.

ئاپتوموبىل بومبا پارتىلىشى نەتىجىسىدە، 3 كىچىك بالىنىمۇ قوشقاندا جەمئىي 6 نەپەر پۇقرا قازا قىلدى ۋە 7 پۇقرا يارىلاندى.

ئەھۋالى ئېغىر تۆت يارىدار تۈركىيەگە يوللاندى.

پارتلاش سەۋەبىدىن ئەتراپتىكى خىزمەت ئورۇنلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىدى.

نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان يەرلىك بىخەتەرلىك قىسىملىرى، بۇ ھەرىكەتنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى YPG / PKK تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يەرلىك ساقچى قىسىملىرى رايوننى بىخەتەرلىك چەمبىرىكىگە ئالدى. كەلگەن ئىستىخباراتقا بىنائەن ئىككىنچى ئاپتوموبىل بومبىنى ئىزدىمەكتە.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېل ئابياد ناھىيە مەركىزى 2019 - يىلى 13 - ئۆكتەبىردە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن تازىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر