پولشا پىرېزىدېنتى قوش جىنىسلىقلارنىڭ بالا بېقىۋېىلىشىنى مەنئى قىلىش لايىھەسىنى ئىمزالىدى

پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇدا، قوش جىنىسلىقلارنىڭ بالا بېقىۋېلىشىنى مەنئى قىلغان بىر قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1450383
پولشا پىرېزىدېنتى قوش جىنىسلىقلارنىڭ بالا بېقىۋېىلىشىنى مەنئى قىلىش لايىھەسىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇدا، پولشا ئاساسىي قانۇنىدا بالىلارنىڭ ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا قوش جىنىسلىقلارنىڭ بالا بېقىۋېلىش مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ ئېنىق  بەلگىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت دۇدا تەرىپىدىن ئىمزالانغان قانۇن لايىھەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇن ئائىلىلەردە ياشايدىغان ئەر – ئاياللارنىڭ (بىر ئوغۇل ۋە بىر قىز) بالا بېقىۋىلىش ھەققى بولىدىكەن.

قوش جىنىسلىقلارنىڭ بالا بېقىۋېلىشىنى مەنئى قىلغان قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن، يالغۇز ياشايدىغان كىشىلەرمۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قارار قىلىشىدىن كېيىن بالا بېقىۋالسا بولىدىكەن.

قانۇننىڭ پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشى ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشىغا توغرا كېلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر