لىۋىيەدە ئىككى كىشى مېنا تازىلاش جەريانىدا جېنىدىن ئايرىلدى

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى ئىسيانچى خەلىفە ھافتەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرى پايتەخت تىرىپولىنىڭ جەنۇبىغا كۆمگەن مېنالارنى تازىلىماقچى بولغان ئىككى كىشى، مېنالارنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلدى.

1449784
لىۋىيەدە ئىككى كىشى مېنا تازىلاش جەريانىدا جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھافتەر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تىرىپولىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇرالغۇلاردىن چېكىنگەن ۋاقىتتا، نۇرغۇن مېنالارنى ۋە پارتلىغۇچلارنى كۆمۈپ قويغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۈگۈنگىچە ھافتەر قوراللىق كۈچلىرى كۆمگەن مېنا ۋە بومبىلار سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن 57 قېتىملىق پارتلاشتا، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 39 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

تىرىپولىدىكى لىۋىيە پارلامېنتىغا قاراشلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر كومىتېتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى دايانا ئەتتاھاۋى ئىنتېرنېت ئارقىلىق يىغىن چاقىردى.

پارلامېنتنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھافتەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي ھۆججەتلەشتۈرۈش ۋە ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، تەييارلانغان ھۆججەتلەرنى خەلقئارالىق جەمئىيەتكە سۇنۇپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ، جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايىتىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

لىۋىيە ھۆكۈمىتى تەرھۇنە شەھىرىنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، شەھەر ۋە ئەتراپلىرىدا 11 مازارلىقنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

لىۋىيە ئالىي دۆلەت كېڭىشى ئۇرۇش جىنايەتچىسى خەلىفە ھافتەرنى قوللىغان كۈچلەرنىڭ ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ۋاتىييە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ خائىنلارچە بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

كېڭەشنىڭ يازما باياناتىدا، شەنبە (2020-يىلى 4-ئىيۇل) كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ، قەھرىمان لىۋىيە ئارمىيەسى ۋە قوللىغۇچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلەرگە قارشى ئۈمىدسىز ۋە ئىشقا يارىماس غەلبىدىن بىرگە ئېرىشىش تىرىشچانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى تەكىتلەندى.

ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ، ئوخشاش ۋاقىتتا، بۇ جىنايەتنى ئىشلىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىدىكى سەمىمىيلىكنىڭ گۇمان قوزغايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

لىۋىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سەلاھىددىن نەمرۇش بۇ ھۇجۇمغا، مۇۋاپىق زامان ۋە ماكاندا جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر