بوزقىر ب د ت دا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزىدۇ

ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى نىخىل سېس (Nikhil Seth) 75-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان ۋولكان بوزقىرنىڭ خىزمىتىدە ئونلارچە يىللىق دىپلوماتىك تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1449924
بوزقىر ب د ت دا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزىدۇ
SPR Bozkır.jpg
Volkan Bozkır_Millo Gjukanoviq.jpeg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى نىخىل سېس ۋولكان بوزقىرنىڭ 75-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىنىشى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «باش ئەلچى ۋولكان بوزقىر ب د ت ئۈچۈن بىر يىل بويىچە ئومۇمىي كېڭەشكە باشچىلىق قىلىدۇ. ئۇ خىزمىتىدە ئونلارچە يىللىق دىپلوماتىك تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىدۇ. ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك بولىدۇ. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئىرادىسىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قىزغىن قارشى ئالىمەن» دېدى.

ئۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنىڭ ھازىرمۇ ھەر دائىمقىدەك ئىلگىرىلەش ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «باش ئەلچى ۋولكان بوزقىرنىڭ پەقەتلا ھۆكۈمەتلەر ئارا ئەمەس، بەلكى ياشلار، شىركەتلەر، ئاكادېمىيەلەر، ئاياللار گۇرۇپپىلىرى، يەرلىك خەلقلەر، ياشانغانلار ۋە مېيىپلار ئۈچۈنمۇ مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلار ۋە پاناھلانغۇچىلارغا قۇچاق ئېچىشى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئۇ سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن دۆلىتىدىن قاچقاندا قولىدىكى مال-مۈلۈكلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن تۈگىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «مۇساپىرلارنىڭ ئېھتىياجى، بولۇپمۇ تۈركىيەگە ئوخشاش ساھىبخان دۆلەتلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ، دۆلەت سىستېمىسى ھەمدە بايلىق مەنبەلىرىگە بېسىم پەيدا قىلىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى مۇساپىرلارنى ۋە پاناھلانغۇچىلارنى ئىزچىل قوغداپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. بۇ مەسىلىگە كۈچلۈك شەكىلدە ئىگە چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر