ئالجىرىيەنىڭ  مۇستەقىللىق بايرىمىدا 4700 دىن ئارتۇق مەھبۇس قويۇپ بېرىلدى

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇن دۆلەت مۇستەقىللىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 4700 دىن ئارتۇق مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلىش قارارى ماقۇللىدى.

1449201
ئالجىرىيەنىڭ  مۇستەقىللىق بايرىمىدا 4700 دىن ئارتۇق مەھبۇس قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئالجىرىيە پىرېزىدېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى 6 ئايلىق قاماق جازاسى قالغانلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تېررورلۇق جىنايىتى، ئادەم ئۆلتۈرۈش، جاسۇسلۇق، ئاممىۋى بۇيۇملارنى ئوغرىلاش، زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى ۋە سودا جىنايىتى بىلەن قامالغان ياكى ئەيىبلەنگەنلەرنىڭ كەچۈرۈم قىلىش قارارىدىن پايدىلىنالمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تۈرمىدىكى 4700 دىن ئارتۇق مەھبۇسنىڭ پايدىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بۇ قاراردىن سابىق پىرېزىدېنت ئابدۇل ئەزىز بۇتەفلىكانىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا سەۋەب بولغان نامايىشلار جەريانىدا قولغا ئېلىنغان پائالىيەتچىلەرنىڭ پايدىلانغان ياكى پايدىلانمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

پىرېزىدېنت تېببۇن ئۆتكەن يىلى فېۋرال ئېيىدىمۇ ئىككى قېتىم كەچۈرۈم قىلىش قارارى ماقۇللاپ، تەخمىنەن 10،000 مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر