بېلگىيەدە «5G » غا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا 5 - ئەۋلاد ئالاقە تېخنىكىسى «5G» غا سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەرگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

1449252
بېلگىيەدە «5G » غا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئالدىدا يىغىلغان بىر گۇرۇپپا نامايىشچىلار ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى تارقىتىدىغان بۇ يېڭى تېخنىكىنىڭ سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نامايىشچىلار «5G نى بايقۇت قىلىش» ۋە «5G تېخنىكىسىنى توختىتىش» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر