ئال سانى: تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى، قاتار – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى.

1448829
ئال سانى: تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «تۈركىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز كۈنسېرى كۈچەيمەكتە» دېدى.

ئۇ، ئىككى قېرىنداش دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئىقتىساد، سېلىنما، سودا، ئېنېرگىيە، مۇداپىئە ساھەلىرىدىكى ئورتاق مەنپەئەتلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى لۇئلۇئ ئەلخاتىرمۇ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى قاتار زىيارىتىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

خاتىر، قاتار بىلەن تۈركىيەنىڭ لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىش خىزمەتلىرىنى ئالغا سۈرۈش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۇ نۇقتىدا ئىككى دۆلەتنىڭ پىكىرلىرىدە ناھايىتى كۈچلۈك ئوخشاشلىق بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان خاتىر، تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ رايوندا مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى (2020 – يىلى 2 – ئىيۇل) زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇچرىشىشلاردا رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەلەستىن مەسىلىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ قوشۇۋېلىش پىلانى قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى، تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ بۇ پىلانغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى قاتاردا خىزمەت زىيارىتىدە بولۇپ، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىلەن ھەمەد ئال سان بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر