تەرھۇنەدىكى كوللېكتىپ مازارلاردىن يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرى تېپىلدى
لىۋىيە ئارمىيەسى 5 – ئىيۇندا دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدىرى خەلىفە ھالەتلەردىن ئازاد قىلغان تەرھۇنە شەھىرىدىن تېپىلغان كوللېكتىپ مازارلاردىن يەنە 6 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى غايىب بولۇپ كەتكۈچىلەرنى ئىزدەش ۋە ئېنىقلاش ئورگىنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تەرھۇنەنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان ئەررابىت رايونىدىكى كوللېكتىپ مازارلارنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى جەريانىدا تۈنۈگۈن يەنە 6 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەررابىت رايونىدىكى كوللېكتىپ مازارلاردىن ھازىرغىچە 30 ئادەمنىڭ جەسىتى ۋە قالدۇقلىرى تېپىلدى.
ھافتەر قوراللىقلىرى پايتەخت ترابلۇسقا قاراتقان ھۇجۇملىرى ئەسناسىدا ئۇدا 14 ئاي بويىچە ھەرىكەت ۋە ئارقا سەپ مەركىزى قىلىپ پايدىلانغان تەرھۇنە شەھىرى لىۋىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن، لىۋىيە دائىرىلىرى، شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپىدىن 11 ئايرىم كوللېكتىپ مازارنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 22 – ئىيۇندا بايانات بېرىپ، تەرھۇنە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن 11 كوللېكتىپ مازارنىڭ تېپىلغانلىقى توغرىسىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەپتىش ئورگىنىغا ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.