قاتار ئەمىرى ئال سانى ئەردوغاننىڭ زىيارىتىدىن كېيىن تۈرك - ئەرەب مۇناسىۋىتى توغرىسىدا بايانات بەردى

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىلەن ھەمەد ئال سانى، ئەرەبلەر بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەدەنىيەت مىراسىنىڭ، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجابىي ھەمكارلىق مۇھىتى ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1448286
قاتار ئەمىرى ئال سانى ئەردوغاننىڭ زىيارىتىدىن كېيىن تۈرك - ئەرەب مۇناسىۋىتى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىلەن ھەمەد ئال سانى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى زىيارىتىدىن كېيىن تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئەردوغاننىڭ زىيارىتى، شۇنداقلا قاتار ۋە تۈركىيە خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا ئىشارەت قىلغان ئال سانى، «ئەرەبلەر بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەدەنىيەت مىراسى ۋە جۇغراپىيەلىك يېقىنلىق رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئىجابىي كۈچ بېغىشلىماقتا؛ ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ كەم – كوتىسىز تۆھپە قوشماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – قنانىڭ ئەردوغاننىڭ زىيارىتى توغرىسىدىكى خەۋىرىدىمۇ، ئىككى لىدېرنىڭ، پەلەستىن، لىۋىيە، سۈرىيە ۋە يەمەندىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى ۋە ئىككى ئۈچۈن ئورتاق ئەھمىيەتكە ئىگە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

لىدېرلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى بارلىق ساھەلەر بويىچە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئىرادىسىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە، بولۇپمۇ ئىقتىساد، سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدىكى ئورتاق مەنپەئەتلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر