بىرازىلىيەدە يۇقۇملانغانلار 1 يېرىم مىليونغا يېقىنلاشتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 525 مىڭ 120 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 11 مىليون 32 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 6 مىليون 184 مىڭدىن ئاشتى.

1448167
بىرازىلىيەدە يۇقۇملانغانلار 1 يېرىم مىليونغا يېقىنلاشتى
süper covid19.jpg
super covid19

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككىنچى دۆلەت بولغان بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 252 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

بىرازىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 61 مىڭ 884 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئوخشاش ۋاقىتتا، 48 مىڭ 105 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىپ 1 مىليون 496 مىڭ 858 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 30 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 34 مىڭ 818 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا 201 كىشى يۇقۇملاندى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 15 مىڭ 60 قا تۆۋەنلىدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 14 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 29 مىڭ 875 كە؛ ئوخشاش ۋاقىتتا يۇقۇملانغانلار سانى 569 كىشى ئېشىپ 202 مىڭ 875 كە چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 679 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 29 مىڭ 189 غا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 6 مىڭ 741 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 238 مىڭ 511 گە چىقتى.

پېرۇدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 10 مىڭ 45 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىڭ 527 كىشى كۆپىيىپ 292 مىڭ 4 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 131 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئامېرىكادا، 2 مىليون 837 مىڭ كىشى يۇقۇملاندى.

ياۋروپادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 89 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 43 مىڭ 995 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 576 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 283 مىڭ 757 گە چىقتى.

شىۋېيتسارىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 مىڭ 965 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 31 مىڭ 967 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 131 مىڭ 533 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئامېرىكادا، 2 مىليون 838 مىڭ كىشى يۇقۇملاندى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى ئانتونى فاۋجى (Anthony Fauci) ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگەرگەن يېڭى تۈرىنىڭ كېسەللىكنىڭ تېخىمۇ تېزلىكتە تارقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر