ئامېرىكانى ئىران ئالاھىدە ۋەكىلى: ئىرانغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىش يولىنىمۇ نەزەردە تۇتۇۋاتىمىز

ئامېرىكانىڭ ئىران ئالاھىدە ۋەكىلى برىئان ھۇك، يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېھرانغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىش چارىسىنىمۇ نەزەردە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1447419
ئامېرىكانى ئىران ئالاھىدە ۋەكىلى: ئىرانغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىش يولىنىمۇ نەزەردە تۇتۇۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئىران ئالاھىدە ۋەكىلى برىئان ھۇك ئىسرائىلىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا چىقىپ، «بىز ئامېرىكا خەلقى نامىدىن سورىغان سوئال، ئىراننىڭ ھەرگىزمۇ يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىقىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك يول قايسى؟ دېگەندىن ئىبارەت. بۇنىڭ جاۋابى (ئىران بىلەن تۈزۈلگەن) ئورتاق كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەت پىلانى ئەمەس. پىرېزىدېنت (دونالد ترامپ) ئىراننىڭ ھېچقاچان يادرو قورالىغا ئىگە بولمايدىغانلىقىنى روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ھەربىي تاللاش ھەردائىم ئۈستەل ئۈستىدە تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئىران بىلەن خىتاي، فىرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا 2015 – يىلى تېھراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى ۋە تەكشۈرۈشنى مەزمۇن قىلغان بىر كېلىشىم ئىمزالانغانىدى. بىراق، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن كېيىن ۋاشىنگتون، كېلىشىمدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىنىپ، ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغانىدى.

ئىرانمۇ 2019 – يىلى ئىيۇلدا يادرو كېلىشىمىنىڭ بەزى ماددىلىرىنى، 2020 – يىلى 5 – يانۋاردا بولسا كېلىشىمنىڭ بارلىق ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن ۋەدىلىرىنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر