پۇتىن 2036-يىلغىچە پىرېزىدېنت بولىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا 2036-يىلغىچە پىرېزىدېنت بولۇش يولىنى ئاچقان رېفېراندۇمدا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، %77.92 قوللاش ئاۋازى چىققان.

1447693
پۇتىن 2036-يىلغىچە پىرېزىدېنت بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مەركىزى سايلام كومىتېتى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رېفېراندۇمنىڭ ئاۋازىنى ساناشنى ئاخىرلاشتۇردى.

رۇسىيە مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن 110 مىليون 500 مىڭ سايلىغۇچىنىڭ رېفېراندۇمغا قاتنىشىش نىسبىتى %65 بولغان.

رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، رېفېراندۇمغا قاتناشقانلارنىڭ %77.92 ى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قوللىغان، %21.27 ى قارشى چىققان.

ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشتە، پۇتىننىڭ 2012-يىلى باشلانغان ۋە 2024-يىلى ئاخىرلىشىدىغان ئىككى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ماددا ئورۇن ئالىدۇ.

بۇ ماددا بويىچە، 20 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان پۇتىن، ئىككى نۆۋىتىنى بىكار قىلغان لايىھە ئارقىلىق ئاساسىي قانۇندا ئۈچىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنت بولۇش چەكلەنگەن بولسىمۇ، قايتىدىن پىرېزىدېنت بولالايدۇ. بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشتە، پۇتىننىڭ 2036-يىلغىچە پىرېزىدېنت بولۇش يولى ئېچىلغان بولدى.

رۇسىيە ئۆكتىچىلىرى رېفېراندۇمنىڭ قانۇنىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى، مەزكۇر رېفېراندۇمنىڭ ئۆزگەرتىشنىڭ 67 ياشلىق پۇتىنغا ئۆمرى بويىچە پىرېزىدېنت بولۇشىنىڭ يولىنى ئېچىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر