ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس سەرراج بىلەن تېلېفونلاشتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز سەرراج بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1447383
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس سەرراج بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى بايانات ئىشخانىسى، ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن سەرراجنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، باش مىنىستىر سەرراجنىڭ 5 (ھۆكۈمەت) + 5 (دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز كۈچلەر) ئورتاق ھەربىي كومىتېت ئۇچرىشىشلىرى ۋە سايلاملارنى ئاساس قىلىدىغان سىياسىي چارىنى ياقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىككى رەھبەرنىڭ يەنە، لىۋىيەدىكى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاپ قالغان نېفىتلىكلەرنىڭ قايتىدىن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ، لىۋىيەدە تېپىلغان كوللېكتىپ مازارلاردىن چوڭقۇر بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكى، ب د ت نىڭ جاۋابكارلارنىڭ تېپىپ چىقىلىشىغا ۋە كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەشكە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىندى.

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، گۇتېررېسنىڭ لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەر بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ: #لىۋىيە , #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر