تېھراندىكى بىر داۋالاش مەركىزىدە شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەردى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى بىر داۋالاش ئورنىدا گاز توڭى پارتلاپ 19 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1446587
تېھراندىكى بىر داۋالاش مەركىزىدە شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرىئەتى كوچىسىدىكى بىر داۋالاش ئورنىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 19 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 6 ئاەمنىڭ يارىلانغان.

قازا قىلغانلارنىڭ 15 ىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تېھران مۇپەتتىشى ئەلى ئەلكاسى مەھر دۆلەت تېلېۋېزىيەسىگە بايانات بېرىپ، ۋەقەنىڭ داۋالاش ئورنىنىڭ ئوپېراتسىيە بۆلۈمىدىكى ئۈچ ئوكسېگىن توڭىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پارتلاشنىڭ تەسىرىدە ئەتراپتىكى بىنالارنىڭ ئەينەكلىرى سۇنۇپ كەتتى. ۋەقەدىن كېيىن شەرىئەتى كوچىسى تاقىۋېتىلدى، نەق مەيدانغا كۆپ ساندا ھەربىي قىسىم ئەۋەتىلىپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر