تەرھۇنەدىكى كوللېكتىپ مازاردىن يەنە 5 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى
لىۋىيە ئارمىيەسىنىڭ 5 – ئىيۇندا دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدىرى خەلىفە ھافتەردىن قۇتۇلدۇرغان تەرھۇنە شەھىرىدىن تېپىلغان كوللېكتىپ مازارلاردىن يەنە 5 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غايىب بولۇپ كەتكۈچىلەرنى ئىزدەش ۋە ئېنىقلاش ئورگىنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تەرھۇنەنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان ئەررابىت رايونىدىكى كوللېكتىپ مازارلارنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى جەريانىدا تۈنۈگۈن يەنە 5 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەررابىت رايونىدىكى كوللېكتىپ مازارلاردىن 10 – ئىيۇندا 10؛ 28 – ئىيۇندا 9 كىشىنىڭ جەسەت پارچىلىرىنىڭ چىقىرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بۇ رايوندىن تېپىلغان جەمئىي جەسەت سانىنىڭ 24 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
لىۋىيە ئارمىيەسى، پايتەخت ترابلۇسنىڭ جەنۇبى بىلەن تەرھۇنە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن تېپىلغان كوللېكتىپ مازارلاردىن 5 – ئىيۇندىن 28 – ئىيۇنغىچە بولغان جەرياندا جەمئىي 208 ئادەمنىڭ جەسىتىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر جەسەتلەر ئۈستىدە قىيىن – قىستاق ئىزلىرىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
15 جەسەتنىڭ كىملىكى ئېنىقلىنىپ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
ھافتەر قوراللىقلىرى پايتەخت ترابلۇسقا قاراتقان ھۇجۇملىرى ئەسناسىدا ئۇدا 14 ئاي بويىچە ھەرىكەت ۋە ئارقا سەپ مەركىزى قىلىپ پايدىلانغان تەرھۇنە شەھىرى لىۋىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن، لىۋىيە دائىرىلىرى، شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپىدىن 11 ئايرىم كوللېكتىپ مازارنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 22 – ئىيۇندا بايانات بېرىپ، تەرھۇنە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن 11 كوللېكتىپ مازارنىڭ تېپىلغانلىقى توغرىسىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەپتىش ئورگىنىغا ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئائىلە قورو بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي رايونلىرىدا ئىككى ئائىلە قورۇ بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى.