نىيۇ يورك ئىشتاتى ساقچى ئىدارىسىنىڭ 1 مىليارد دوللارلىق خامچوتىنى قىسقارتىدىغان بولدى

نىيۇ يورك ئىشتاتى ئەسلى ئافرىقالىق، ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويىد ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن قازا قىلغاندىن كېيىن، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھاتلىرى دائىرىسىدە، ساقچى تارماقلىرىنىڭ خامچوتىنى بىر مىليارد دوللار قىسقارتىدىغان بولدى.

1446830
نىيۇ يورك ئىشتاتى ساقچى ئىدارىسىنىڭ 1 مىليارد دوللارلىق خامچوتىنى قىسقارتىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى بىل دې بىلاسيو شەھەرلىك كېڭەش بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات سۆھبىتىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، نىيۇ يورك ساقچى ئىدارىسى (NYPD) نىڭ يىللىق خامچوتىدىن بىر مىليارد دوللار قىسقارتىشقا كېلىشكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

دې بىلاسيو قىسقارتىلغان 1 مىليارد دوللارنىڭ ياشلار پىروگراممىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەتكە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسلاھات دائىرىسىدە، ساقچىلارنىڭ بەزى مەسئۇلىيەتلىرىمۇ ئوخشىمىغان ئورگانلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغان بولدى.

مىڭلىغان نامايىشچىلار تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن بېرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا قۇرغان چېدىرلاردا ئىسلاھات تەلەپلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ساقچى ئىدارىسىنىڭ خامچوتىنى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر