خوڭكوڭدا بۈگۈن يېڭى ماقۇللانغان قانۇن بويىچە تۇتقۇن قىلىش باشلاندى

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا، غەرب دۆلەتلىرى ۋە رايوندىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلار قارشى چىقىۋاتقان تالاش-تارتىشلىق دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى تۈنۈگۈن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر قانۇنغا بىنائەن تۇتقۇن قىلىش باشلاندى.

1447138
خوڭكوڭدا بۈگۈن يېڭى ماقۇللانغان قانۇن بويىچە تۇتقۇن قىلىش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خوڭكوڭنىڭ ئەنگىلىيەدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەنلىكىنىڭ 23 – خاتىرە يىلىدا، بىر گۇرۇپپا كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

تۈنۈگۈن خوڭكوڭدا تالاش-تارتىشلىق بىخەتەرلىك قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ساقچىلار كوسېۋاي باي رايونىدا نامايىشچىلارغا  ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇندى.

ساقچىلار نامايىشچىلارنى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇچ گازى چاچتى.

ساقچىلار يېڭى قانۇن بويىچە 30 دىن ئارتۇق نامايىشچىنى «مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بايراقلارنى كۆتۈرۈش»، «رۇخسەتسىز يىغىلىش» ۋە «ساقچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش»... قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ نازارەتكە ئالدى.

بۇ ئارىلىقتا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېف بوررېل بۇ قانۇننىڭ خوڭكوڭدا «ئەھمىيەتلىك» شەكىلدە مەسلىھەت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى  ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇنغا بولغان ئەندىشىسىنى قايتا تەكىتلەيدۇ» دېدى.

بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «بىر دۆلەت ، ئىككى خىل تۈزۈم » پرىنسىپى دائىرىسىدە، خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەسى، مۇقىملىقى ۋە باياشاتلىقىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بوررېل مەزكۇر قانۇننىڭ خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەسىگە، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىغا ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە زور زىيان سالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى خوڭكوڭنىڭ قانۇنلۇق ئاپتونومىيەسىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىرىدۇ» دىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر