ھەسەن رۇھانى ئامېرىكاغا قارشى كەسكىن قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئەگەر ئامېرىكا يادرو كېلىشىمىگە سىياسىي زەربە بەرمەكچى بولسا، ئىراننىڭ بۇنىڭغا قارشى كەسكىن قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1446884
ھەسەن رۇھانى ئامېرىكاغا قارشى كەسكىن قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇھانى پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانى يادرو كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق يېڭى قەدەملەرنى تاشلىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر يادرو كېلىشىمىگە ئىقتسادىي زەربە بەردى، بىزمۇ بىر قىسىم ۋەدىلىرىمىزنى توختاتتۇق ۋە بۇنىڭغا چېداپ كەلدۇق. ئەگەر ئامېرىكا يادرو كېلىشىمىگە سىياسىي زەربە بەرمەكچى بولسا، ئىران بۇنىڭغا چېداپ تۇرمايدۇ ۋە ئامېرىكاغا قارشى كەسكىن قەدەملەرنى تاشلايدۇ» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىران تېمىلىق تۈنۈگۈن كەچتىكى يىغىنىنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن سىياسىي مەغلۇبىيەت بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن  رۇھانى، ب د ت خەۋپسىلىك كېڭىشىدىكى ئامېرىكىدىن سىرت 14 ئەزا دۆلەتنىڭ يادرو كېلىشىمىنى قوللىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇھانى، «ھازىر يادرو كېلىشىمنىڭ تەرەپلىرى 4 + 1 دۆلەت بولۇپ، ئۇلار بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنداشقا تەييار  بولغاندا، بىزمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ۋەدىمىزگە قايتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر