سومالىلىق دىپلومات ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلاندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئارىدىن 33 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر سومالىلىق دىپلومات سايلاندى.

1445965
سومالىلىق دىپلومات ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى ئەبۇكار ئوسمان بالې، دۆلىتىنىڭ تارىختىكى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تۆتىنچى دىپلوماتى بولدى.

باش ئەلچى بالې تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، 178 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ب د ت 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان ۋولقان بوزقىر بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قېرىنداش دۆلەت تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىنىمۇ تەبرىكلەشنى خالايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچى بالېنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلىنىشىغا سومالىنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مۇھىم دىپلوماتىك قەدىمى دەپ قارالماقتا.

سومالىلىق دىپلوماتلار بۇنىڭدىن بۇرۇن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا 1963، 1979 ۋە 1986 – يىللىرى سايلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر