پىرېزىدېنت ترامپ ماسكا تاقاش پەرمانىنى چىقرىشقا قىستالماقتا

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 509 مىڭ 113 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىليون 449 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 5 مىليون 705 مىڭدىن ئاشتى.

1446373
پىرېزىدېنت ترامپ ماسكا تاقاش پەرمانىنى چىقرىشقا قىستالماقتا
Covid.jpg
süper covid19.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 128 مىڭ 819 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 683 مىڭ 300 دىن ئاشقام ئامېرىكادا، دېموكراتلار يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا قەدەممۇ قەدەم قايتىش مۇساپىسىدە قايتىدىن كۆپىيىشى ۋە بەزى ئىشتاتلاردا يۇقۇمنىڭ رېكورت سەۋىيەگە چىقىشى سەۋەبىدىن، پىرېزىدېنت ترامپنى پۈتكۈل دۆلەتتە ماسكا تاقاشنى مەجبۇر قىلىدىغان پەرمان چىقىرىشقا قىستىماقتا.

ئامېرىكادا ھازىرغىچە 18 ئىشتاتتا ماسكا تاقاش مەجبۇرىي بولۇپ، باشقا نۇرغۇن ئىشتاتتا ماسكا توغرىسىدا قىسمەن بەلگىلىمىلەر بار.

دۆلەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان نۇرغۇن بالىلار ئارىسىدا بەدەن ئەزالىرى تەسىرگە ئۇچرىغان « كۆپ خىل سىستېما ياللۇغلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» گە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى مارت ئېيىنىڭ بېشىدىن ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوتتۇرىچە يېشى سەككىز بولغان 285 بالىدا ئوخشاش ئالامەتلەر بايقالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالتە بالا كېسەللىك سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككىنچى دۆلەت بولغان بىرازىلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە 692 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 58 مىڭ 385 كە چىقتى. 24 سائەت ئىچىدە 24 مىڭ 52 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 368 مىڭ 195 كە چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە 473 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 27 مىڭ 121 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىڭ 805 كىشى كۆپىيىپ 220 مىڭ 657 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 43 مىڭ 575 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە ياۋروپادىكى ۋابا مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە، لوندوننىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 160 كىلومېتىر كېلىدىغان 400 مىڭ نوپۇسلۇق لېيجېستېر (Leicester) شەھىرىدە، يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك 866 ۋەقە كۆرۈلدى.

ئەنگلىيە سەھىيە مىنىستىرى مات خانكوك (Matt Hancock) بۈگۈن (2020-يىلى30-ئىيۇن) دىن باشلاپ شەھەردىكى مۇھىم بولمىغان پارچە سېتىش ماگېزىنلىرىنىڭ، 2020-يىلى 2-ئىيۇلدىن باشلاپ مەكتەپلەرنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ لېيجېستېر شەھىرى پۇقرالىرىنى ئۆيىدە ئولتۇرۇشقا، شەھەر ئىچى ۋە سىرتى ساياھەتلەرنى قىلماسلىققا چاقىردى. ئۇ: «ئىجتىمائىي مۇساپە قائىدەلىرىگە رىئايە قىلىنىۋاتقان ياكى قىلىنمايۋاتقانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىمىز. زۆرۈر بولغاندا، بۇ توغرىدا تەدبىر ئالىمىز» دېدى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 2020-يىلى 29-فېۋرالدىن بۇيانقى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئۆلۈم سانى بولغان ئالتە ئۆلۈم يۈز بەردى ۋە بۇنىڭ بىلەن جەمئىي ئۆلۈم سانى 34 مىڭ 744 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 185 كىشى ئازىيىپ 16 مىڭ 496 گە تۆۋەنلىدى. يېقىنقى 24 سائەتتە 174 كىشى يۇقۇملاندى.

ئەنگلىيەدىكى ۋابانىڭ مەركىزى بولغان لومباردىيا (Lombardiya) رايونىدا، يۇقۇمنىڭ داۋاملىق تارقىلىشى سەۋەبىدىن 2020-يىلى 14-ئىيۇلغىچە ئاممىۋى سورۇنلاردا مەجبۇرىي ماسكا تاقاش يولغا قويۇلدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى ئۈچ كۈندە 35 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 29 مىڭ 813 كە چىقتى. يېقىنقى 24 سائەتتە 280 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 200 مىڭ 611 گە چىقتى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى بىر ھەپتىدە بىر كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 28 مىڭ 346 گە چىققانلىقىنى، يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 84 كىشى كۆپىيىپ 248 مىڭ 970 كە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ۋە ھازىرغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 334 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئاستۇرىياس (Asturias) تا 17 كۈندىن بۇيان ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە كۆرۈلمىگەنلىكى دىققەت قوزغىدى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە تۆت كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە بۇ سان 1 مىڭ 568 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 266 كىشى كۆپەيدى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 41 مىڭ 912 گە چىقتى.

بېلگىيەدە 9 مىڭ 747 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 61 مىڭ 427 كىشى يۇقۇملاندى.

بالقان رايونىدىكى بەزى دۆلەتلەردە يۇقۇم سانىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تەدبىرلەر قايتىدىن كۈچكە ئىگە قىلىندى.

سېربىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 274 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 242 كىشى كۆپىيىپ 1 مىڭ 433 كە چىقتى. پايتەخت بېلگرادتا بارلىق ماكانلاردا مەجبۇرىي ماسكا تاقاش يولغا قويۇلدى. ۋىغايى (Vranje) شەھىرىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

سىلوۋېنىيەدە 111 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى، 1 مىڭ 585 كىشى يۇقۇملاندى.

كىرودىيەدە 107 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە يۇقۇملانغانلار سانى 34 كىشى كۆپىيىپ 2 مىڭ 725 كە چىقتى.

قاراتاغدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. ئۆتكەن ئاي تۈگىگەنلىكى ئېلان قىلىنغان يۇقۇم قايتىدىن ئۆزىنى كۆرسەتتى. 17 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 500 گە يېقىنلاشتى.

بسنىيە-گېريسېگوۋىنادا يېقىنقى 24 سائەتتە بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 128 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىڭغا يېقىنلاشتى. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن كازاۋىج مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلارنى سېربىيەدىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان سانجاق رايونىغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

ئاۋستىرالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە يۇقۇم سانىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن 10 مەھەللىدە زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا سىرتقا چىقىش چەكلەندى. بەزىلىرىدە تۈركلەر زىچ بولغان بۇ 10 مەھەللىدە ئەتە (2020-يىلى 1-ئىيۇل) يېرىم كېچىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەر 29-ئىيۇلغىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئاۋستىرالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 104 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 7 مىڭ 767 كىشى يۇقۇملاندى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر