ماكروننىڭ «جاۋابكارلىقنى تۈركىيەگە دۆڭگەشكە ئۇرۇنۇشى» ئىزچىل ھالدا ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىماقتا

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «The Independent» گېزىتى، «فىرانسىيەنىڭ، لىۋىيەنىڭ (شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنى لىدىرى) ھافتەرگە قىلغان ياردىمى نەتىجىدە ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا باشلىدى» سەرلەۋھىسىدە ماقالە ئېلان قىلدى.

1445931
ماكروننىڭ «جاۋابكارلىقنى تۈركىيەگە دۆڭگەشكە ئۇرۇنۇشى» ئىزچىل ھالدا ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بورزۇ داراگاھى ئىمزالىق مەزكۇر ماقالىدە، فىرانسىيە يىللاردىن بېرى قوللاپ، ئىلگىرىلىشىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن ھافتەرنىڭ لىۋىيەنىڭ غەربىدە ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىدىن كېيىن، شامالنىڭ تەتۈرىگە چىقىشقا باشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ماقالىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئىشىنىپ ھافتەرگە مەبلەغ سالغان فىرانسىيەنىڭ، ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن يالغۇز قالغانلىقى، سىياسىي ۋە دىپلوماتىك سەرمايىسىنىڭ پايدىسىنى ئالالمىغانلىقى تەكىتلەندى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ تۈركىيەگە قارشى ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسسىز دەۋالىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن ماقالىدە، «فىرانسۇز ئەمەلدارلار لىۋىيە سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن تۈركىيەنى ئەيىبلەپ، كۈلكىلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ماقالىدە، لىۋىيە مەسىلىسى بوپيىچە بىر كەسپىي مەسلىھەتچىنىڭ «فىرانسىيە، ھافتەرنى شۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان قوللاپ كېلىۋاتىدۇكى، ئەمدىلىكتە كەينىگە قانداق داجىشنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. خاتالىقلىرىنى تونۇپ يېتىشنىڭ ئورنىغا بارلىق مەسىلىلەرنىڭ جاۋابكارى سۈپىتىدە تۈركىيەنى ئەيىبلەش تېخىمۇ ئاسانغا توختاۋاتىدۇ» دېگەن قاراشلىرىغىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر