بېيجىڭ خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنىنى ماقۇللىدى

خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇننى ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلغان.

1445944
بېيجىڭ خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى، خوڭكودا يولغا قويۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان مەركىزىي ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا تەشەببۇس قىلىش، ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىش دېگەندەك قىلمىشلارنى مەنئى قىلىشنى مەزمۇن قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنىنى ماقۇللىدى.

خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇننى ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلغان.

شۇ جاي ۋاقتىدا سائەت 09:00 دا باشلانغان يىغىندىكى ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىنىڭ 15 مىنۇت ئىچىدە ئاخىرلاشقانلىقى، 162 نەپەر دائىمىي ئەزانىڭ ھەممىسىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قۇرۇلتاينىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن مەزكۇر قانۇننىڭ 1 – ئىيۇندىن تارتىپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر