ئامېرىكادا يۇقۇم قايتىدىن كۆپىيىشكە باشلىدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 504 مىڭ 630 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىليون 259 مىڭ 381 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 5 مىليون 563 مىڭ 327 دىن ئاشتى.

1445248
ئامېرىكادا يۇقۇم قايتىدىن كۆپىيىشكە باشلىدى
kovid covid korona corona
kovid corona.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 128 مىڭ 451 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ۋە ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، سەھىيە مىنىستىرى ئالېكس ئازار (Alex Azar) يېقىنقى كۈنلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ قايتىدىن ئۆرلەشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا ۋە غەربىگە جايلاشقان ئىشتاتلاردا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر دۆلەت بىر قانچە ئاي بۇرۇنقى يۇقۇم يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەزگىلگە ئوخشىمايدۇ. ۋاكسېنا ۋە داۋالاش تەتقىقاتلىرى ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، بىراق يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى ئاستىلاتقان دەۋر يوقىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئامېرىكادا يۇقۇم سەۋەبىدىن خەلقنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما باي كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ بېيىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. رەسمىي رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكادا يۇقۇم ئوتتۇرىغا چىققاندىن باشلاپ 45 مىليون كىشى ئىشسىزلىققا ئىلتىماس سۇنغان. مەركىزى ۋاشىنگوتنغا جايلاشقان سىياسەت تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتى فوربېس (Forbes) نىڭ رەقەملىرىگە ئاساسەن ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردا، 2020-يىلى 18-مارتتىن 17-ئىيۇنغىچە 614 مىلياردېر 584 مىليارد دوللار تاپقان.

ئامېرىكادا 2 مىليون 637 مىڭ 77 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 43 مىڭ 575 كە يەتتى. يۇقۇملانغانلار سانى بولسا، 311 مىڭ 151 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 22 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 34 مىڭ 738 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 155 كىشى ئازىيىپ، 16 مىڭ 618 گە تۆۋەنلىدى. يېقىنقى 24 سائەتتە 174 كىشى يۇقۇملاندى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى بىر ھەپتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 13 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 28 مىڭ 343 كە چىققانلىقىنى؛ يېقىنقى 24 سائەتتە يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 118 كىشى كۆپىيىپ، 248 مىڭ 770 كە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئۈچ كىشى كۆپىيىپ، جەمئىي سان 1 مىڭ 564 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 457 كىشى كۆپىيىپ 41 مىڭ 646 گە چىقتى.

گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 9 مىڭ 29 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 194 مىڭ 900 غا چىقتى.

تۈركىيە چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى ۋە ياۋروپا ترابزون كۆپرۈباشلىقلار جەمئىيىتى شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئىشتاتى نويغاد (Neurade) تىكى 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرگە 200 بولاق دىزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى تارقاتتى.

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 57 مىڭ 659 غا چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر