سەرراج خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىدىن لىۋىيەگە تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى

لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز سەرراج، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن ھافتەرگە قاراشلىق قوراللىقلار سادىر قىلغان جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دەرھال ھەيئەت ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.

1445285
سەرراج خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىدىن لىۋىيەگە تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز سەرراج، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن، لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق قوراللىقلار سادىر قىلغان جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دەرھال ھەيئەت ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.

لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇھەممەد قەبلاۋىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، سەرراج، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى ھافتەر قوراللىقلىرى سادىر قىلغان جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھەيئەت ئەۋەتىشكە چاقىرغان.

ئەۋەتىلىدىغان ھەيئەتكە ھەرجەھەتتىن ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سەرراج، سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ جازاسىز قېلىشىنىڭ ھافتەر قوراللىقلىرىغا رۇئاندا ۋە بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنادىكى قىرغىنچىلىق شۇنداقلا ناتسىستلار سادىر قىلغان جىنايەتلەردىن بۇيانقى مىسلى كۆرۈلمىگەن جىنايەتلەرنى سادىر قىلىشىغا ئىلھام بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

باياناتقا قارىغاندا، سەرراج، ھافتەر قوراللىقلىرىنىڭ پۇقرالارغا، پۇقراۋى ئايرودۇرۇملارغا، كۆچمەنلەر تۇرۇۋاتقان پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە پارلامېنت ئەزاسى سىھام سەرغىۋانىڭ بىنغازىدىكى ئۆيىدىن گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلىشىنى ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەت دەپ باھا بەرگەن.

ھافتەر كۈچلىرى ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان پارلامېنت ئەزاسى سەرغىۋانى نامەلۇم بىر يەردە تۇتۇپ تۇرماقتا.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى باش تەپتىشى فاتو بېنسۇدا، 22 – ئىيۇندا لىۋىيەدىن تېپىلغان كوللېكتىپ مازالارنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر» گە پاكىت بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ب د ت لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئىدارىسى 24 – ئىيۇندا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيەدىكى ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قارمىقىدا لىۋىيە خەلقئارا تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر