كاراچىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 9 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدىكى كۆچمە مۈلۈكلەر پاي چېكى بازىرىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 5 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 4 ھۇجۇمچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1445295
كاراچىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 9 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمچىلار شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە كاراچى شەھىرىدىكى كۆچمە مۆلۈكلەر پاي چېكى بازىرىنىڭ دەرۋازىسىغا قول بومبىسى ئاتقاندىن كېيىن ئەتراپقا قالايمىقان ئوق چىقارغان ھالدا بىنانىڭ ئىچىگە كىردى.

ئۇ يەردە دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، 1 ساقچى بىلەن 4 نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمچىلار، بىرى پۇقرا بولۇپ جەمئىي 3 ئادەمنى يارىلاندۇردى.

سىند ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇدىرى مۇشتاق ئەھمەد ماھار، بىناغا ھۇجۇم قىلغان 4 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ بىنانىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئاكتىپ ۋەزىپە ئۈستىدە بولمىغان ساقچىلارنىڭ فورمىلىرىنى كىيىۋالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كاراچى ساقچى ئىدارىسى بايانات بېرىپ، ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، ئۇلاردىن يېنىدىن ئىچىدە پارتلاتقۇچ بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان بىر سومكىنىڭ چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كاراچى كۆچمە مۈلۈكلەر پاي چېكى بازىرى باش مۇدىرى ئابىد ئەلى ھەبىب مەھەللىي تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، ھۇجۇمچىلارنىڭ بىنانىڭ ئالدىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ۋە بىرىنچى قەۋىتىگە ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر