خىتاي بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويغاندىن كېيىن، خىتايمۇ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1445659
خىتاي بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرىگە «ناچار كۆز قاراشتا بولغان» ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ «خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەلىك قۇرۇلمىسىغا زىيان يەتكۈزگەن ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان» خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋىزا چەكلىىمىسى يولغا قويغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

جاۋ: «خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنى مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىدۇر، ھەر قانداق چەت ئەللىكنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دېدى ھەمدە خىتاينىڭ  دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتلىرى بىلەن «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتى» نى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى جاۋ ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ «ساختا ئېمبارگو» ئارقىلىق خىتاينىڭ خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ناتوغرا ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ‹ناچار كۆز قاراشتا بولغان› ئامېرىكا مەسئۇللىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇشنى قارار قىلدى» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 26 - ئىيۇندا خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەلىك قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىقى بولغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسىنى يولغا قويغانلىقلىرىنى ئېلان قىلىپ: «بۈگۈن مەن 1984 - يىلدىكى خىتاي - ئەنگلىيە ئورتاق خىتابنامىسىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان خوڭكوڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتونومىيەسىگە زىيانكەشلىك قىلغان ياكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە جاۋابكارلىقى بار، دەپ قارالغان مەۋجۇت شۇنداقلا سابىق چ ك پ ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويغانلىقىمىزنى جاكارلايمەن. بۇ چەكلىمە مەزكۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي چوقۇم خىتاي - ئەنگلىيە ئورتاق خىتابنامىسىدا بەلگىلەنگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى لازىم» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر