بېلگىيەدە ئىسرائىلىيەنىڭ «قوشۇۋېلىش» پىلانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بېلگيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا بەرپا قىلىنغان قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرى ۋە ئىيوردان ۋادىسىنى «قوشۇۋىلىش» پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

1445130
بېلگىيەدە ئىسرائىلىيەنىڭ «قوشۇۋېلىش» پىلانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر قاتار ئورگانلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن بىريۇسسېلدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا يېقىن ترون مەيدانىغا توپلانغان يۈزلەرچە پائالىيەتچى، ئىسرائىلىيەگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

«ياشىسۇن پەلەستىن»، «پەلەستىن زېمىنلىرىنى قوشۇۋېلىشقا بولمايدۇ»، «ئىسرائىلىيە مۇستەملىكە قىلماقتا، پەلەستىن ئازاب تارتماقتا» ۋە «بەرداشلىق بەر، پەلەستىن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار، ئىسرائىلىيەگە جازا يۈرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى، پەلەستىن بايراقلىرى چىقىرىلغان نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن بىرلىكتە 28 – يانۋاردا ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېلان قىلغان ئاتالمىش ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىدا، غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ «ئىسرائىلىيە زېمىنى» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى پەلەستىنگە تەۋە ئىيوردان ۋادىسى ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشى دېگەندەك ماددىلار بار. ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارلاردىن تەشكىل تاپقان بىر كومىتېت، ئاتالمىش تىنچلىق پىلانىدىن كېيىن مەزكۇر رايونلارنىڭ «قوشۇۋېلىنىشى» ئۈچۈن غەربىي قىرغاقنىڭ خەرىتىسىنى يېڭىلاپ سىزىش خىزمەتلىرىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر